شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
2006.10.10
شىمالىي كورىيىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان يەر ئاستى يادرو سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش شۇنداقلا ياپونىيە ، رۇسىيە ، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى "شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بولغان بىر تەھدىت " دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتايمۇ ئۆزىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ رادىئو سىنىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ شىمالىي كورىيىگە بولغان بېسىمىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شىمالىي كورىيىنى جازالىشىغىمۇ قوشۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىشارەت قىلماقتا.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، " خىتاي ھېچقاچان ھېچقانداق شەكىلدە شىمالىي كورىيە بىلەن يادرو سىنىقى ھەققىدە ھەمكارلىشىپ باقمىغان" دەپ تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە مۇۋاپىق ھالدا جىددىي چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە خىتاي شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي رەھبەرلىرى تا ھازىرغىچە شىمالىي كورىيىگە بولغان ياردىمىنى ۋە سودا بېرىپ-كېلىشىنى توختاتمىغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورىيىنى دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقى تۈپەيلىدىن قاتتىق ئەيىبلىدى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو بومبا سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى چۈچۈتتى
- ئەگەر شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارسا، ئۇ ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى دەپ ھېسابلىنىدۇ
- 38 - پاراللىلدا يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئىككى كورىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتتى
- ياپونىيە پيوڭياڭغا قارشى ئىمبارگو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇشنى چاقىرىق قىلدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە تۇتقان رولىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى