شىمالىي كورىيىگە خەلقئارا بېسىمنى كۈچەيتىش ھەققىدە قاراشلار

شىمالىي كورىيىنى يادرو قورالغا ئىگە بولۇش ئىستىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن خەلقئارادا جىددىي پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 10‏- ئاينىڭ 14‏- كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى شىمالىي كورىيىگە قارشى ئىمبارگو يولغا قويدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دەسلەپتە ب د ت نىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىشتا پاسسىپ پوزىتىسيە بىلدۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، شىمالىي كورىيە چېگرىسىدىكى تاموژنىلاردا شىمالىي كورىيىگە كىرىدىغان تاۋارلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن شىمالىي كورىيىگە قارشى يولغا قويۇلغان ئىمبارگونىڭ بۇ دۆلەتنى يادرو قورالغا ئىگە بولۇش ئىستىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈشكە قانچىلىك تەسىر قىلالايدىغانلىقى ۋە پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ بۇ قارارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تولۇق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ - قىلالمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئىمبارگونىڭ ئەمەلىي رولى ھەققىدە سوئاللار پەيدا بولماقتا

ب د ت تەرىپىدىن شىمالىي كورىيىگە قارشى قويۇلغان ئىمبارگونىڭ نەتىجىلىك بولۇشى بولۇپمۇ شىمالىي كورىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگە ھەمدە بۇ دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولغان خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيىنىڭ پوزىتىسيىسىگە قاراشلىق. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە شىمالىي كورىيىگە قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇش قارارىنى قوللىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، قارار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ قارارنىڭ بەزى مۇھىم ماددىلىرىنى ئۆزى خالىغانچە تەبىر قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، ھەمدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن ب د ت نىڭ قارارىدا شىمالىي كورىيىگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش ئېھتماللىقىنىڭ پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىلغانلىقى، بۇ ئىمبارگونىڭ قانچىلىك تەسىرلىك بولالايدىغانلىقى توغرىسىدا جىددىي سۇئاللار پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان لوس ئانجىلس ۋاقتى گېزىتىدە 10‏- ئاينىڭ 17‏- كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە ب د ت نىڭ قارارى شىمالىي كورىيىنى يادرو قورالىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ ھەمدە بۇ قارار شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئىلنى بىر نەچچە كىلوگرام پولۇتۇنىيۇمنى ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا بېرىشتىن توسىيالمايدۇ، دېيىلگەن.

شىمالىي كورىيىنىڭ ئىككىنچى بىر يادرو قورال سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانغانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەر ۋە ئامېرىكا قاتارلىق شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پائالىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رازۋىتكا ئىدارىلىرىنىڭ بۇ خەۋەرلەرنى ئېنىقلىغانلىقى، ب د ت نىڭ ئىمبارگو قارارىنىڭ شىمالىي كورىيىگە ھېچقانداق تەسىر قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بېسىم كۈچەيتىلسە شىمالىي كورىيە نازۇك تېخنىكىلارنى سېتىشى مۇمكىن

بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئەگەر ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى شىمالىي كورىيىگە قاراتقان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتسە، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەڭ كۆپ ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقان ئېھتماللىقنىڭ يەنى شىمالىي كورىيىنىڭ ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا يادرو قورال ۋە يادرو تېخنىكىسى سىتىش ئېھتماللىقىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش ئىمكانىيىتىنى كۆچەيتىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.

سىياسىي مۇلاھىزىچى بىرنت بىنىت 10‏- ئاينىڭ 17‏- كۈنى ئىنتېرناتسىئونال ھرالد ترىبىيۇن گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئەگەر ب د ت تەرىپىدىن شىمالىي كورىيىگە قارشى يولغا قويۇلغان ئىمبارگو ئاللىقاچان كرىزىسقا دۇچ كەلگەن شىمالىي كورىيىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاجىزلىتىپ، كىم جۇڭ ئىلنىڭ ھاكىمىيىتىنى تەھدىت قىلىشقا باشلىسا، شىمالىي كورىيە دۆلەتكە كىرىم تېپىش ئۈچۈن ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا يادرو قورال ۋە يادرو تېخنىكىسى سېتىشنى تەشەببۇس قىلىشى مۇمكىن.

شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى، ئەگەر ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى شىمالىي كورىيىگە قاراتقان بېسىمىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسە، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 14‏- ئوكتەبىر كۈنى شىمالىي كورىيىگە قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇش قارارىنى ئالغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى باك گىل يۇن، ئەگەر ئامېرىكا شىمالىي كورىيىگە قاراتقان بېسىمىنى داۋاملاشتۇرسا، شىمالىي كورىيە بۇنى ئۇرۇش ئېلانى دەپ قاراپ، جىددىي قارشى تەدبىر ئالىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. گەرچە باك گىل يۇن شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق تەدبىر ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇزۇن يىللىق قورال سودىگىرى بولغانلىقى ھەر كىمگە مەلۇم.

ھەتتا شىمالىي كورىيىنىڭ رەھبىرى كىم جۇڭ ئىل ئاللىقاچان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە تېررورچىلارغا يادرو قورال سېتىشنى، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىن مىلياردلىغان دوللار پۇل ۋە ئىقتىسادىي ياردەم ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بىر يولى دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. (قانات)