شىمالىي كورىيە ئەمدى توڭلىتىلمايدىغان بانكا ھېساباتىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا

شىمالىي كورىيە بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش تەشەببۇسىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ 'ساختا ئامېرىكا دوللىرى ياسىدى' دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ماكاۋدىكى بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىشىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

شىمالىي كورىيە ئۆتكەن ئايدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ب د ت بۇنىڭغا قارىتا جازا قوللىنىش قارارىنى چىقاردى. بۇ قاراردا، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قۇۋىتى ھەققىدىكى سۆھبەت جازالاشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، تا سۆھبەت ئاياغلاشمىغىچە، دەپ بەلگىلىگەن ئىدى.

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بۈگۈن سىئول شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ھازىر يادرو سۆھبىتىگە ئاللىقاچان قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن توڭلىتىلمايدىغان بانكا ھېساباتىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. (ۋەلى)