ئامېرىكا "خىتاينى شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى توختىتىشقا ئۈندەش" قارارى ئالدى


2007.10.30

29 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئومۇميىغىنىدا، خىتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار شەرتنامىسىغا ھۈرمەت قىلغان ئاساستا شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇشنى توختىتىپ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئۈندەيدىغان قارارنامىنى ماقۇللىدى.

مەزكۇر قارارنامىدا خىتاي شىمالىي كورىيىگە قايتۇرغان مۇساپىرلارنىڭ قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئېغىر زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە مۇساپىلىرىنى مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىش قىلمىشىنى جىددىي توختىتىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ۋەكىلى ئېد رويسېنىڭ ئاۋام پالاتاسىغا بۇ ھەقتە بەرگەن دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇلتۇر نەچچە مىڭلىغان شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرى قايتۇرۇلغان بولۇپ بۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى ھايات بىخەتەرلىكىنى ئويلىماي قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن تەڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي شىمالدىكى چاۋشەن مىللىتى ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قېچىپ بارغان كورىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىشى كېرەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى خادىملىرىنىڭ ئۇلار بىلەن ئەركىن ئۇچرىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.