سابىق ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى سۇخارتو ۋاپات بولدى


2008.01.27

يەكشەنبە كۈنى سابىق ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى سۇخارتو ئۇزۇن مەزگىللىك كېسەللىك سەۋەبىدىن 86 يېشىدا ۋاپات بولدى. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى سۇخارتونىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماتەم تۇتۇش قارارىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇ دۈشەنبە كۈنى دەپنە قىلىنىدۇ. ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى سۇخارتو ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا خەلقتىن سۇخارتونىڭ ھاياتىدا ئۆتكۈزگەن قاتتىق قوللۇقلىرىنى كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

سۇخارتو ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدا ماۋ زېدوڭ، جاڭ كەيشى، ستالىن ۋە باشقا دىكتاتۇرلارغا ئوخشاش ئەڭ ئۇزۇن ھاكىمىيەت سۈرگەن دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھىندونېزىيىنى 32 يىل ئىدارە قىلغان.

سۇخارتو ھەققىدە تۈرلۈك باھالار مەۋجۇت بولۇپ، ھىندونېزىيىلىكلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەر خىل. لېكىن، ئۇنىڭ ھىندونېزىيە خەلقىنى كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلدۇرۇش ھەمدە دۆلەت مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە. ئۇنى بىر قىسىم كوممۇنىستلار ياخشى كۆرمەيدۇ. سەۋەبى ئۇ، 1967-يىلى ھىندونېزىيىدە كۈچىيىپ كېتىۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ ھەرىكىتىگە زەربە بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە ۋەيران بولۇشى كېلىپ چىققان، تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر كوممۇنىستلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي كۆچمەنلىرى ھەم ھىندىچىنىلىقلار بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ دۆلەتتە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ھوقۇقىغا خىرىس قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن سۇخارتو كەڭ كۆلەمدە خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنى تازىلاش ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۆكتىچىلەر سۇخارتونىڭ سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمىغان كىشىلەرنى قانلىق باستۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى سوتلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ لېكىن، بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.