سېربىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى


2008.02.03

يەكشەنبە كۈنى بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى سايلام ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، بۇنىڭدا سېربىيە مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمىدىكى پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت نامزاتى بىلەن غەربپەرەس پارتىيە نامزاتى ئارىسىدا رىقابەت بولىدۇ. رۇسىيە بىلەن يېقىن ئۆتۈپ، غەربكە تاقابىل تۇرۇش پىكرىنى تەشەببۇس قىلىدىغان رادىكال پارتىيە رەھبىرى تومىسلاۋ نىكولىچ. غەربپەرەس سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك پارتىيىدىن كېلىپ چىققان پرېزىدېنت بورىس تادىچقا رىقابەت پەيدا قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا نىكولىچ غەلىبە قىلغان ئىدى. ئەگەر ئۇ بۈگۈنكى ھەل قىلغۇچ سايلامدا غەلىبە قىلسا، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ، ھاكىمىيەت تاپشۇرۇۋالىدۇ ھەمدە غەربكە بولغان يۇمشاق پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، ھەر ئىككىلىسىنىڭ سايلامدا تەڭلىشىپ قېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

سېربىيىنىڭ بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى، سېربىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەر ئىككىلا نامزات كوسوۋا مۇستەقىللىقىغە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ غەرب دېموكراتىيىسى ھەمدە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىدىكى قارىشى پەرقلىقتۇر. ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بورىس تادىچ بولسا، سېربىيىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ئۆكتىچى پارتىيىدىن بولغان پرېزىدېنت نامزاتى سېربىيىنى رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق قىلىش تەرەپدارى ھەمدە كوسوۋاغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، رۇسىيە بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرماقتا. نۆۋەتتە، كوسوۋا ب د ت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنماقتا. كوسوۋا يېقىندا مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭغا رۇسىيە بىلەن سېربىيىلىكلەر قاتتىق قارشى تۇرغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.