ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى


2005-06-27
Share

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ياتىدىغان 36 دىلونى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 6 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، سۆھبەت تېمىسى كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىلغان. ھەر ئىككىلا تەرەپ سۆھبەتنىڭ چوڭقۇر ۋە سەمىمىي ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما سۆھبەت ئۆتكۈزگەن تەرەپلەر، سۆھبەتنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى.

خىتايدىكى ئاۋسترالىيە ئەلچىخانىسى سۆھبەت باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى، خىتاي - ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئىشچىلار ھوقۇقى، ئاياللار ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىك، سىياسى ئۆكتىچىلەر ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق تېمىلارغا چېتىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي- ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، سۆھبەتنى ئەمىلى ئەھمىيىتىدىن كۆپرەك شەكىلۋازلىققا ئىگە، دەپ تەنقىد قىلماقتا. بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىر ياردەمچىسى شىن گوفاڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن جاسۇسلۇق تورى قۇرغانلىقىنى ئاقلىدى. شىن گوفاڭ، جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇش مەسئۇلىيىتى بار، ئاقلىدى. ئۇ، بۇ سۆزنى خىتاي - ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت