ئامېرىكا - خىتاي يېڭى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىنى باشلىدى


2005.12.07

ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتوندا ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئېلىپ باردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولىك ۋە خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەي بىڭگو چارشەنبە كۈنى بىر ئارىغا كېلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئاسىيا ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە ئىككى كۈنلۈك سۆھبىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سۆھبەت بۇ يىل 8 ‏- ئايدا بېيجىڭدا باشلانغان ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولىك بۇ يىل سېنتەبىردە دۆلەتلىك ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىدا قىلغان نۇتىقىدا خىتاينىڭ ھەربىي خىراجەتلىرىنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا بولماسلىقىنىڭ دۆلەتلەردە گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،" نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ تىنچلىق بىلەن باش كۆتىرىشنى خالايدۇ. ئەمما ھېچكىم ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۇنىڭغا دو تىكمەيدۇ" دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ شۇنداقلا خىتاينى دېموكراتىيىنى قۇبۇل قىلىپ، خەلقئارا سىستېمىدىكى مەسئۇلىيەتچان بىر ئەزا بولۇشقا چاقىرغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.