جورج بۇش ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى


2005.02.03

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش چارشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە پۈتۈن مەملىكەتكە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ بىر سائەتلىك نۇتۇقىدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى فېدېرال ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىراقنىڭ دېموكراتىيىلىشىش ئەھۋالى، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو پىلانى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. خەلقئارا مەسىلىلەردە، جورج بۇش دېموكراتىيىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئۇ ئىراق ۋە پەلەستىنلەردە يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ چوقۇم ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: "ئامېرىكا چوقۇم تېررورچىلارنى ھىمايە قىلغان، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنغان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى بىلەن قاتتىق ئېلىشىدۇ" - دېدى.

ئۇ يەنە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئىراننى تېررورچىلىقنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كاتتىۋېشى دەپ كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە ئىنتىلگەن ئىران خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ نۇتۇقى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىدىكى دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئىزاھلاپ، بۇشنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى تەنقىدلىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.