شۋېتسىيە پارلامىنت ئەزاسى ":گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېتسىيىگە كىلىشىنى خالايمىز "


2008.01.14

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بىرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئادىل ھېكىم شۋېتسىيىگە كىلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنغىلى 2 ئاي بۇلاي دېدى، بىز ئۇنىڭ شىۋېتسىيىدىكى تۇرمۇشىنى ۋە شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئادىلغا قانداق جاۋابلارنى بەرگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئادىلنى زىيارەت قىلدۇق.

ئادىلنىڭ ۋە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر پارلامىنت ئەزاسى ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ."بىز ئادىلنى شۋېتسىيە ئاخباراتلىرى ئارقىلىق تونۇدۇق. ئۇنىڭ مەسىلىسى ھازىر شۋېتسىيىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىۋاتىدۇ . بىز سەپدىشىم مايا بىلەن شۋېتسىيە پارلامىنتىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى بولىمىز ھەم شۋېتسىيە پارلامىنتىنىڭ كەچۈرۈم گۇرۇپىسىدا ئىشلەيمىز . بىز شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە ، ئادىل مەسىلىسى ۋە گۇەنتانامو تۈرمىسىدە قاماقتا ياتقان قالغان 17نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پارلامىنتقا بىر تەكلىپ لايىھىسى سۇندۇق ، بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئاشۇ ئۇيغۇرلارنى شۋېتسىيىگە ئەكىلىش. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ . گۇەنتانامو تۈرمىسىدە ھازىر دۆلىتىگە قايتۇرۇلسا بولمايدىغان تۇتقۇنلاردىن پەقەت بىر قىسىم كىشىلەرلا قالدى، ياۋرۇپا پارلامىنتىدىمۇ بۇ كىشىلەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە جىددىي مۇزاكىرىلەردە بولۇۋاتىدۇ . بىز گۇەنتانامو تۈرمىسىدە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شۋېتسىيىگە كىلىشىنى خالايمىز".

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.