تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوف ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى رۇسچە "ئوف" قوشۇمچىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2007.03.21

"رويترس ئاگېنتلىقى"نىڭ 21 ‏- مارت كۈنى دۈشەنبىدىن خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوف چارشەنبە كۈنى ئالىملار، يازغۇچىلار ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابلىرى تەكلىپ قىلىنغان بىر يىغىندا "مەن ئىسمىمنىڭ ئاخىرىدىكى رۇس ئەنئەنسى بۇيىچە قوللانغان - "ئوف دېگەن قوشۇمچىنى ئېلىپ تاشلايمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مىنىڭ ئىسمىم ئىمام ئەلى راخمان دەپ ئاتىلىدۇ" دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 1991 ‏- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىل -يېزىقىنى رۇس پادىشاھلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدىن ئايرىپ چىقىش خاھىشى پەيدا بولغان ۋە كىشىلەر ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىدىكى رۇسچە ئولانمىلارنى ئېلىپ تاشلاشقا يۈزلەنگەن ئىدى. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تاجىكستان رەھبەرلىرى ئۈلگە ياراتتى. ئەمما تاجىكىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئىسمىدىكى رۇسچە "ئوف" قوشۇمچىسى ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىنكى "ئىمام ئەلى راخمان" دېگەن نامى ، بۇ دۆلەتتە قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتەلگەندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن ۋە تاجىكىستان بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ فارسى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.