ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشلاردا 64 تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلدى


2005.06.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

سەيشەنبە كۈنىدىن بىرى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بىلەن ۋە ئافغان ئارمىيىسىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىدە ھازىرغىچە 64 تالىبان جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئافغانىستاننىڭ قەندەھار شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، ئافغانىستاندا تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قىسىملىرى ۋە ئافغان مىللىي ئارمىيىسى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدىكەن.

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بىرى، ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرى قايتىدىن تەشكىللىنىپ، بۇ دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە يۈزلىگەن كىشى ئۆلگەن ئىدى.

ئافغانىستاندا سېنتەبىر ئىيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسدا پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرى، يېقىندىن بىرى، ئىراقتىكىگە ئوخشاش ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىشكە باشلىغان.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، تالىبان ۋە ئەلقائىدە جەڭچىلىرىنىڭ پاكىستاندىن ئافغانىستانغا كىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىدە جىددىي تەدبىر ئالمايۋاتىدۇ دەپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەكتە.

پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىبان ۋە ئەلقائىدە جەڭچىلىرىنىڭ ئافغانىستان تېررىتورىيىسى ئىچىدە تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.