پاكىستان ھۆكۈمىتى، تالىبانلار بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمنى ئاقلىماقتا


2007.02.24

پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش بولغان شىمالىي ۋەزىرىستان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىسى ئەلى مۇھەممەت ئوراكزەي، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقان رايوندىكى قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلشىمنىڭ ياخشى نەتىجە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم ئىمزالانغاندىن بېرى 50 چەتئەل پۇقراسىنىڭ ئائىلە ئەفرادى ۋەزىرىستاندىن ئايرىلىغان. ئۇ ۋزىرىستاندىن ئايرىلغان چەتئەللىكلەرنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئەمما رويترېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ رايوندا ھېلىمۇ نۇرغۇنلىغان ئەرەب، چېچېن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن رادىكال ئىسلام مىلىتانتلىرى يوشۇرۇنغان.

2001‏- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تالىبان ۋە ئەلقائىدە مىلتانتى، پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا پاناھلانغان.

ئۆتكەن يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستان پاكىستان چېگرا رايونىدىكى پاشتون قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، پاكىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان ۋە قەبىلىلەر رايوندا چەتئەل پۇقراسى مىلىتانتلارنىڭ پائالىيىتىگە رۇخسەت بەرمەسلىكنى قوبۇل قىلغان.

ئەمما، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم ئىمزالىغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ كېلىشىم تالىبانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدا تېخىمۇ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايس، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى ئەپسۇسلىنارلىق نەتىجىلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.