ئافغانىستان پرېزىدېنتى تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى


2007.04.07

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي تۇنجى قېتىم، ئافغانىستاندا تىنچلىقنى تىكلەش ئۈچۈن تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

پرېزىدېنت كەرزەي جۈمە كۈنى كابۇلدىكى پرېزىدېنت سارىيىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا، "ئۇزۇندىن بېرى تالىبانلارنىڭ ۋەكىللىرى ھۆكۈمىتىمىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. بەزى تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن مەنۇ سۆزلەشتىم" دېگەن. لېكىن ئۇ قايسى تالىبان رەھبىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى ھەققىدە بىر نىمە دېمىگەن. پرېزىدېنت كەرزەي ئافغانىستاندا تىنچلىقنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن پۈتۈن ئافغانلار بىلەن ھەتتا تالىبانلارنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەر بىلەن سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيىتى 2001‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە گۇمران بولغان تالىبانلار، ئافغانىستاندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ، ئافغان ئارمىيىسى ۋە ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارغا باشلىغان. تالىبانلار ھەتتا ئافغانىستان جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىدىكى بەزى ناھىيىلەرنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئالغان.

گەرچە تالىبانلار ھاكىمىيىتىنى گۇمران بولغانلىقىدىن بەش يىلىدىن ئارتۇق بىر ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، تېخىچە ئافغانىستان كوپ قىسمىدا ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىلمىغان ھامىد كەرزەي، سىياسىي جەھەتتىن بارغانسىرى قيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتا. ئۆتكەن ھەپتە ئافغانىستاندا كەرزەي ھۆكۈمىتىگە قارشى مىللىي بىرلىك سەپ نامىدا يېڭى بىر سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت قۇرۇلغان. بۇ ھەرىكەت پرېزىدېنت كەرزەيدىن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشى تەلەپ قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.