ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى تەھدىد ھېسابلايدىكەن


2005.02.17

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پورتېر گوس چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدا ئىسپات بېرىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاساسلىقى تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، "ئەگەر تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق خائىشى خىتاينىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ئاشسا، ئۇ ھالدا، خىتاي بۇنىڭغا قورال كۈچى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ قارايمىز" دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قارىشىنى ئەيىبلەپ، بۇنى تەيۋەندىكى " بۆلگۈنچى " كۈچلەرگە خاتا سىگنال بەرگەنلىك دەپ كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.