ئامېرىكىدا ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان 6 نەپەر تېررورچى گۇماندار تۇتۇلدى


2007.05.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكىنىڭ نيۇجېرسى شتاتىدىكى فورت دېكىس قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، ئىمكان قەدەر كۆپ قىرغىنچىلىق قىلىشنى پىلانلىغان 6 نەپەر تېررورچى گۇماندار AK- 47, M16 بەلگىلىك ئاپتوماتىك مىلتىق سېتىۋ ېلىش جەريانىدا تۇتۇلدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇجېرسى شىتاتى تەكشۈرۈش ئىدارىسى 'رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزىگە يۇقتۇرغان كىشىلەر ' دەپ ئاتىغان بۇ 6 كىشىنىڭ 4 ئى يۇگۇسلاۋىيىدە، بىرى تۈركىيىدە، بىرى ئىئوردانىيىدە تۇغۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا پۇقراسىمۇ بار، قانۇنسىز كۆچمەنلەرمۇ بار. بۇ گۇماندارلار كېلەر ھەپتىدە سوتلىنىدۇ.

س ب ن تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى تونى سىنوۋ ئەپەندى 'بۇ 6 كىشىنىڭ خەلقئارالىق تېررورچى تەشكىلات بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى تېخى ئىسپاتلانمىدى' دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.