رۇسىيە چېچەن ئۆكتىچىلىرىنى تۇتۇشقا 10 مىليون دوللار مۇكاپات چىقاردى
بېسلان تراگىدىيىسىدىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى چېچەنىستان ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن ماسخادوۋ بىلەن باسايېۋنى تۇتۇشتا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە 300 مىليون رۇبلى (10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكالىدى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئامانلىق ساقلاش دائىرىلىرى، بېسلاندىكى مەكتەپنى گۆرەگە ئېلىش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئېلىپ بارماقچى بولغان بۇ ئىككى كىشىنى يوقۇتۇش ھەرىكىتىدە ئۇلارغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېھتىياجلىق بولغان. چۈنكى رۇسىيە دائىرىلىرى بۇ ئىككى كىشىنى بۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە سەۋەپچى دەپ قارايدۇ.
ئەمما چېچەنىستان ئۆكتىچى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئىلگىرى مەسخادوۋنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ ھېچقانداق ئەسەبىي تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
335 كىشى قازا تاپقان مەزكۈر بېسلان تراگىدىيىسى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈچلۈك دېققىتىنى تارتقان بولۇپ، بۇ پۇتىن ھۆكۈمىتىگىمۇ ئېغىر بېسىم پەيدا قىلدى. (پەرىدە)
3- سېنتەبىر شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى
5- سېنتەبىر رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
6- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
7- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ۋە پۇتىن
8- سېنتەبىر رۇسسىيە چېچەن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلدى