جاكارتادىكى ئاۋىستىرالىيە ئەلچىخانىسى سىرتىدا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا سەككىز ئادەم ئۆلدى
2004.09.09
ھىندونوزىيىنىڭ پايتەختى جاكارتا شەھىرىدىكى ئاۋىستىرالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدا پەيشەنبە كۈنى شىددەتلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە سەككىز ئادەم ئۆلدى، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
جاكارتا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش ماشىنىغا قاچىلانغان بومبىنىڭ پارتلىشىدىن كىلىپ چىققان بولىشى مومكىن ئىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پارتلاش يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى بىنالار ۋە ماشىنىلار ۋەيران بولغان ،بىراق ئاۋىستىرالىيە ئەلچىخانىسى ئانچە چوڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان.
ئاۋىستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ، بۇ قېتىمقى پارتلاشنى ئاۋىستىرالىيىگە قارىتىلغان تېروررلۇق ھوجۇم دەپ ئاتىدى. جاكارتا شەھەر باشلىقىمۇ، بۇنى "تېررورلۇق ھەرىكەت" دەپ تەرىپلىدى.
جاكارتا ساقچى دائىرىلىرى، بۇ قېتىمقى ھوجۇمنىڭ ھىندونوزىيىدىكى " جىمائاھ ئىسلامىي تەشكىلاتى" (Jimaah Islamiah) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولىشى مۈمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. مەزكۈر تەشكىلات ئىلگىرى ھىندونوزىيىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ مەسئولىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. (ئارزۇ)
- ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئاۋسترالىيىدىن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىنى ئاڭلاڭ
- Download story audio
- ئىراقتا قازا تاپقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى مىڭدىن ئاشتى
- خىتاي رۇسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييارلاندى
- رۇسىيە چېچەن ئۆكتىچىلىرىنى تۇتۇشقا 10 مىليون دوللار مۇكاپات چىقاردى
- ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا
- سابىق ئىراق دىكتاتورىنىڭ ياردەمچىسى ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورى قولغا چۈشتى
- رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى
- ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىنغان تۈركىيىلىك تۇتقۇنلار ئۆلتۈرىلدى
- بۇش، پرىزدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى