بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى مۇساپىرلارنىڭ ھال -كۈنىنى يامانلاشتۇرماقتا


2007.06.20

6 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خاتىرىلەشنى قارار قىلغان 'مۇساپىرلار كۈنى'. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىشىنى بىر تەرەپ ئورگىنى بۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2006 ‏- يىلىدا پۈتۈن دۇنيادا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلارنىڭ سانى توساتتىن % 14 ئۆرلەپ، ئادەم سانى 44 مىليونغا يەتكەن.

بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى زوراۋانلىق ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ چەت ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان كىشىلەر. بۇنىڭ ئاز قىسمى تېخىچە ئۆز دۆلىتىدە ئەمما، ئۆز يۇرتىدا ئەمەس، بەلكى باشقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرىدۇ.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى دۆلەتلەردە 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۆچمەنلەرگە يامان كۆز بىلەن قارايدىغان ھادىسە شەكىللىنىپ، ئۇلارنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە تەسىر يەتتى. بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ ھال ‏- كۈنى يامانلىشىۋاتىدۇ.

يەنە بەزى دۆلەتلەر تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش شۇئارىدىن پايدىلىنىپ بىگۇنا خەلقلەرنى بەتنام بىلەن باستۇرۇپ، قۇل قىلىپ، ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىشنى تىزلەتمەكتە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.