پاكىستاننىڭ لوھور شەھىرىدە ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان " كۈندىلىك ۋاقىت" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئورگانلىرى يېقىندا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە خوڭكوڭدىكى ساياھەت نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پاكىستان دائىرىلىرىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
تەھدىت خېتى 31 - ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ كاراچى شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسىغا فاكس ئارقىلىق يوللانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۇجۇمنى ئېلىپ بارىدىغان گۇمانلىق كىشى ھۇجۇمنىڭ " بىر قانچە كۈن ئىچىدە" ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
" كۈندىلىك ۋاقىت" گېزىتى، ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستان دائىرىلىرىگە رەسمىي ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇيغۇرچە تارقىتىلىدىغان " مۇنبەر" تور بېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەھدىت خېتى "بازا " دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات تەرىپىدىن يوللانغان.
خىتاي ئەلچىخانىسى، ئىسلامى تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە خوڭكوڭدا ئالى دەرىجىلىك مېھمانخانا ۋە باشقا ساياھەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
بۇ خەۋەرنى" كۈندىلىك ۋاقىت" گېزىتى، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەنبەئەلەردىن ئالغان بولۇپ، ئەمما تەھدىت خېتىدە تىلغا ئېلىنغان شەخسنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)