ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىمىلىرى يۆتكەپ بېرىلغانلىقى قانداق ۋەقە؟
2008.03.26
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىمىلىرى يۆتكەپ بېرىلغانلىقىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، چىن گاڭ باياناتىدا، بۇنداق ۋەقە يەنە يۈز بەرسە، تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق بۇزۇلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدىن 2006 - يىلىدا تەيۋەنگە يۆتكەپ بېرىلغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلان سەپلىمىلىرى ئىچىدە، يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قوزغىتىدىغان 4 دانە باتارىيە بارلىقى بايقالغان ئىدى.
بۇ ۋەقەنى ئامېرىكىدىكى بەش بۈرجەك بىنانىڭ باياناتچىسى ئۇقۇشماسلىق بولغان' دەپ چۈشەندۈردى ۋە بۇنداق سەپلىمىلەرنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، دېدى. (ۋەلى)
©
2008 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ما يىڭجيۇ، ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا
- ھىندىستان، رۇسىيە ئارقىلىق قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولماقچى
- تەيۋەن خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى
- تەيۋەن ب د ت غا ئەزا بولۇش رېفىراندۇمىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ئامېرىكا گېنېرالى خىتاي ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
- رۇسىيىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال - ياراق ئېكسپورتى چېكىنىش باسقۇچىدا تۇرماقتا
- ئامېرىكا، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش مەسىلسىدە رىفراندوم ئۆتكۈزۈش پىلانىنى تەنقىد قىلدى
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىقىشىنى ئەيىبلىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس خىتاينىڭ ھەربىي پروگراممىلىرىدىكى خۇپىيانىلىقنى ئوتتۇرىغا قويماقچى
- رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ئەرزان باھادا قورال-ياراق سېتىپ بېرىدۇ









