تىبەت نامايىشچىلار ۋاشىنگتوندا خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاش - كېسەك ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى


2008.03.31

31 ‏ - مارت دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنت سارىيى - ئاقساراي ئالدىدا ۋە ۋاشىنگتونغا جايلاشقان خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا تىبەتلەر ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى ھەمدە نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە تاش - كېسەك ئېتىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

نامايىشقا 500 دەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ، دەسلەپ ئۇلار ئاقساراي ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن نامايىشنى ۋاشىنگتوندىكى ئەڭ ئاۋات ئايلانمىلىرىدىن بىرى دۇپون سىركولغا يۆتكىدى.

گەرچە بۈگۈن ۋاشىنگتوندا يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، نامايىشچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن نامايىش قوللىغۇچىلىرى نامايىشچىلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن يامغۇرلۇق ۋە چۈشلۈك تاماق تارقاتتى.

نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا كەلگەندە، دەسلەپ خىتايغا قارشى "خىتاي تىبەتتىن چىقىپ كەت!"، "تىبەتكە مۇستەقىللىق!"، "شەرمەندە خىتاي!" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى، كېيىن نامايىشچىلار تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ، قوللىرىغا بوتۇلكا، قىش پارچىلىرى ۋە تاشلارنى ئېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىپ ئېتىپ ھۇجۇم قىلدى.

نەتىجىدە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بەش كۆز دېرىزىسى چېقىۋېتىلدى ھەمدە نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېسىقلىق خىتاي بايرىقىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا ياماشقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.

نامايىشنىڭ شەكلى ھۇجۇم خاراكتېرىنى ئالغاندىن كېيىن، نەق مەيدانغا 200 چە ئامېرىكا ساقچىسى كەلدى ۋە تۆت ئەتراپنى قامال قىلىپ بىناغا ياماشقان ۋە بەزى تاش ئاتقۇچىلاردىن بولۇپ 5 - 4 نەپەر تىبەت نامايىشچىنى قولغا ئالدى، ئەمما باشقا نامايىشچىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نامايىش مەيدانىدىن ئايرىلدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.