فرانسىيە: خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە


2005.05.09

فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك دۈشەنبە كۈنى ، فرانسىيىدە خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىدا يېقىندا يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز كۆپىيىشنىڭ ناھايىتى جىددىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مەسىلىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى موسكۋادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، خىتاي توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىنىڭ كۆپىيىشى فرانسىيە ئۈچۈن ناھايىتى جىددىي ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە، دېگەن .

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي توقۇمىچىلىق ئېسكپورتىنىڭ كۆپىيىشى، فرانسىيىنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان، ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ كېلەچىكىنى خەتەرگە دۇچار قىلغان .

فرانسىيە خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989 - يىلى خىتايغا قارىتا يولغا قويغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئەڭ كۆپ قوللاۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.