پوۋېل سۇنامى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كۆچۈردى
2005.01.05
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل چارشەنبە كۈنى سۇنامى ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان ھىندونېزىيىنىڭ سۇماترا ئارىلىغا بېرىپ، ئاپەت زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىدىن ھال سورىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كولىن پوۋېلنىڭ زىيارىتى داۋامىدا يەرلىك خەلقلەرمۇ ئامېرىكىغا بولغان تەشەككۈرىنى ئىپادىلىگەن. بۇ يەردە دىنىي دەرىس بېرىدىغان 53 ياشلىق موللام مۇھەممەد مەجىد مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: "ئامېرىكا دۇنيانىڭ ساقچىسى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇلار بىزگە كۆپ ياردەم قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار."
نەق مەيداننى كۆزدىن كۆچۈرۈپ تېخىمۇ تەسىرلەنگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل، ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىدىغان تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۈزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى ئىپادىسىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ياردەمدىن سىرت، ئاپەت رايونىغا 45 دانە تىك ئۇچار ئايرۇپىلان، 15 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىدىن تەشكىللەنگەن ياردەم گۇرۇپپىسى شۇنداقلا ئىككى ھەربىي پاراخوت ئەترىتىنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا
- سۇنامىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 145 مىڭغا يەتتى
- سۇنامى ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشمەكتە
- كوفى ئەننان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇنلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خەلقئارا جەمئىيەت ئاپەت رايونىدىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى120 مىڭدىن ئاشتى
- سۇنامى دېڭىز دولقۇنى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 77 مىڭغا يەتتى
- ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، قازا قىلغان ئادەم سانى 55000 دىن ئاشتى