تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى سايىت يازىجىئوغلى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2008.01.24

yazicioglu200.jpg
تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى سايىت يازىجىئوغلى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. 1992-يىلىدىن باشلاپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەردىن 10 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانى بويىچە تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتۇشقا باشلىدى. تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى تارمىقىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا مەسۇل دۆلەت مىنىستىرلىكى تەسىس قىلىنىپ، قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە قىيىنچىلىقى بار تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم قىلىشقا باشلىدى.

ھازىرغىچە تۈركىي مىللەتلەر تۇرۇشلۇق 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىدارە ئارقىلىق تۈركىيە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم قىلماقتا. بۇ تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە تۇۋا، خاقاس ۋە باشقۇرتلارغا ئوخشاش 200-300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە تۈركىي مىللەتلەرمۇ بار. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولسىمۇ تۈركىيىنىڭ بۇ ياردەم خىزمەتلىرىدىن ھېچ بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلمايۋاتىدۇ؟ تۈركىيە خالىمامدۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىنى قوبۇل قىلمامدۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتكە مەسۇل دۆلەت مىنىستىرى پروف. در. سايىت يازىجىئوغلى ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ بىزگە بەرگەن باياناتىدا تۈركلەرنىڭ تۈركىي مىللەتلەر بىلەن تارىخى جەھەتتىن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىش تۈركىيىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلسا ئۇيغۇرلارغىمۇ ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. نامرات ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت مىنىستىرى پروف. در. سايىت يازىجىئوغلى ئەپەندى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

بىزنىڭ تۈركىي مىللەتلەر بىلەن تارىخى، دىنى ۋە ئىجتىمايى جەھەتتىن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋىتىمىز بار. بولۇپمۇ 1991-يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتتۇق. ئۇلار بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسۇل مەخسۇس مىنىستىرلىكىمىز بار، مەن ھازىر بۇ مىنىستىرلىكتە مىنىستىر ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىمەن. بۇرۇنقى يىللاردا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە بەزى مەسىلىلەر بار ئىدى. ئەمما ھازىرقى رەئىس جۇمھۇرىمىز ئابدۇللاھ گۈل بىلەن باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، شۇڭا مۇناسىۋىتىمىزمۇ كېيىنكى 2 يىلدىن بېرى تېزلا تەرەققى قىلدى. ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشىمىز. تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى يەنى «تىكا» بۇ جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. بۈگۈن «تىكانىڭ» پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە بەزى تۈركىي ئاپتونوم رايونلىرىدا بولۇپ جەمئىي 22 دۆلەت ۋە رايوندا ئىش بېجىرىش ئورنى بار. بۇ ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىمىز ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. مەقسىتىمىز يېڭى مۇستەقىل بولغان ۋە بولالمىغان پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرگە ئىقتىسادىي ۋە مائارىپ جەھەتتىن ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت.

دۆلەت مىنىستىرى پروف. در. سايىت يازىجىئوغلى ئەپەندى سىز تۈركىيىنىڭ 22 دۆلەتتە «تىكانىڭ» ئىش بېجىرىش ئورنى بارلىقىنى، بۇ ئىدارىنىڭ قىيىنچىلىقى بار تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆتتىڭىز، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى خەلقلەر پاكىز سۇ ئىچىشتىن مەھرۇم، كۆپ ساندا ئۇيغۇر نامرات بار، ئۇلارغىمۇ ياردەم قىلىۋاتامسىلەر؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بىر خىزمەت قىلىندىمۇ خەۋىرىم يوق، بۇنى تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىدىن سورايمەن. بۇنى بىزنىڭ تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بىز خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئالاقە ئورناتساق بەلكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ياردەم قىلالىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلغان تەغدىردە بىز چوقۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلالايمىز. چۈنكى بىز نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە بۇ خىل ياردەمنى قىلىپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي دۆلىتى ئەگەر بىزنىڭ تەلىپىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشىمىزنى قوبۇل قىلسا، بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىمىز، ياردەم قىلالىساق ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھىس قىلىمىز.

دۆلەت مىنىستىرى پروف. در. سايىت يازىجىئوغلۇ ئەپەندى تۈركىيىنىڭ قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم قىلىشىدا بەزى دۆلەتلەر ئىلگىرى سۈرگەندەك پانتۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزم مۇددىئاسىنىڭ يوقلىقىنى، بۇ خىل ياردەمنىڭ پەقەتلا ئىنسانىي ياردەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئېنىق. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك ئوتتۇرىغا قويغان `يۇرتتا تىنچلىق جاھاندا تىنچلىق سىياسىتى بويىچە سىياسەت ئېلىپ بارىمىز. ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ تۇپرىقىدا كۆزىمىز يوق. بىز دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئەمما، قېرىنداشلىرىمىزغا ئىنسانى ياردەم قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. بۇنىڭدىن باشقا بىر مەقسەت يوقتۇر.» (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.