تۈركمەنىستان يېڭى پرېزىدېنتى تۈركمەنىستاندا ئىككى تورخانىنىڭ ئېچىلىشىغا يول قويدى


2007.02.17

تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قوربانغۇلى بەردى مۇھەممەدوف، تۈركمەنىستاندا چەكلىك سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاشئاباددا ئىككى تورخانىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت بەردى.

21‏- دېكابىر كۈنى تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان تۈركمەنىستان دىكتاتور پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوف، ئىنتېرنېت چايخانىلىرىنىڭ ئېچىلىشىنى قەتئى چەكلىگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەردىمۇھەممەدوف چارشەنبە كۈنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئاشئاباددا ئىككى ئىنتېرنېت چايخانىسىنىڭ ئېچىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، پرېزىدېنت بەردى مۇھەممەدوفنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ تۈركمەنىستاندا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىرادىسىنىڭ بىر بىشارىتى دەپ قارىماقتا.

بەردىمۇھەممەدوف، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئىدى. گەرچە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار تۈركمەنىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلامنى كۆپ جەھەتتىن تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سايلامنى تۈركمەنىستاندا دېموكراتىيە يولىدا ياخشى بىر باشلىنىش دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرى رىچارد باۋچەر، جۈمە كۈنى تۈركمەنىستانننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاشق ئاشئابادتا مۇخبىرلارغا بەدگەن باياناتىدا، تۈركمەنىستاننىڭ دېموكراتىيە يولىغا قەدەم تاشلاش ھەمدە تەبئىي گازىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن يېڭى يوللار ئىزدەش ۋاقتى كەلدى، دېگەن ئىدى.

تۈركمەنىستان ھازىرغىچە تەبئىي گازىنى پەقەت رۇسىيە ئارقىلىقلا چەت دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.