تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى ئۆمۈر ھەج قىلدى


2007.04.15

بۇ يىل 2-ئايدا تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس يېرى مەككە مەدىنە قىلىپ بېكىتىش بىلەن يەكشەنبە كۈنى مەككىدە ئۆمۈر ھەجدە بولغان.

20 يىل ئەتراپىدا تۈركمەنىستاننى دىكتاتورلۇق بىلەن باشقۇرۇپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ ئورنىغا پرېزىدېنتلىققا سايلانغان قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوپ، قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن دۆلەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدى.

رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوپ جىددە شەھىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ئىبن ئابدۇل ئەزىز بىلەن تۈركمەنىستان -سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت 1992-يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، سابىق پرېزىدېنت نىيازوپ ھايات ۋاقتىدا سەئۇدىنى زىيارەت قىلغان ھەم ئۆمۈر ھەج قىلغان ئىدى. تۈركمەنىستان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى مول ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە مۇسۇلمان دۆلىتىدۇر. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.