3 ‏- ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...


2007.05.03

باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ 3 ‏- ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، 2002 ‏- يىلىدىن 2007 ‏- يىلىغىچە ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلارنىڭ %85ئى ناھەقچىلىقنى پاش قىلىپ ھەققانىيەتكە يېتىش يولىدا كۆرەش قىلغانلار. بەزى رايونلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ % 70 ئى پەقەت كەسپىي مۇخبىر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە "مۇخبىرلىق كېنىشكىسى بۇرۇن ھەر قانداق دۆلەتكە كىرىپ -چىقىشتا خۇددى پاسپورتتەك رول ئوينايتتى. ھازىر ئۇ ئۆزىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېنىشكىغا ئايلانغان. ئىنسانىيەتتىكى نامراتلىق -قېيىنچىلىقلارنى، توقۇنۇشلارنى، چىرىكلىك -خىيانەتچىلىكنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان مۇخبىرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىزنى قاتتىق سىلكىندۈردى،" دېدى.

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك ئۆيى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، دۇنيادىكى 195 دۆلەتنىڭ قانۇن مۇھىتى، سىياسىي مۇھىتى ۋە ئىقىتىسادىي مۇھىتىنى سېلىشتۇرۇپ باھالىغاندا، گەرچە بىر قىسم دۆلەتلەر بۇ يىل ئەركىنلىك مۇھىتى ياخشىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇ يىلمۇ يەنىلا ئەركىنلىك يوق دۆلەتلەر' قاتارىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا، 360 خىل شەخسىي گېزىت، 100 دىن ئارتۇق سىملىق رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە 160 تىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھدىن ئۇچۇر تارقىتىدىغان رادىئو- تېلېۋىزىيىگە ئىگە ئەركىن جەمئىيەت ‏-‏ تەيۋەن ئارىلى، خەلقتە ئەركىنلىك بولۇش جەھەتتە ئاسىيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.