يوشىنكو ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى


2004.11.24

ئۇكرائىنىيىنىڭ ئۆكتىچى پرېزىدېنت نامزاتى ۋىكتور يوشىنكو يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلام ماجراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى لىئونىد كۇچما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كۇچما يەنە ئۇكرائىنىيىدىكى بارلىق سىياسىي گوروھلارنى بۇ ھەقتە جىددىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

بۇنىڭ ئالدىدا پرېزىدېنت سايلىمىدا ساختىلىق كۆرۈلدى دەپ قارىغان يوشىنكونىڭ 200 مىڭدىن ئوشۇق قوللىغۇچىلىرى، پايتەخت كيېۋدىكى پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچى نامزات يوشىنكونى سايلامدا ئۇتتى دەپ ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ چىقارغان سايلام نەتىجىسىدە باش مىنىستىر يانۇكوۋىچنىڭ 3٪ ئاۋاز ئۈستۈنلۈك بىلەن يوشىنكو ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇنداقلا نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت كۇچمانىڭ ئۆزى باش مىنىستىر يانۇكوۋىچنى قوللايدۇ.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو رىقابەتچىسى يانۇكوۋىچ بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلمايدىكەن. گەرچە پرېزىدېنت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتنىڭ چارشەنبە كۈنى قانداق ۋاقىتتا، نەدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن يوشىنكو تەرەپدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار پەقەت بىر خىل شەرتنىلا قوبۇل قىلىدىكەن، ئۇ بولسىمۇ، ھۆكۈمەت سايلامدا ساختىلىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، يوشىنكونىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتقانلىقىنى جاكالاش ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.