ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى ئەڭ ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
2004.11.24
ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى يەرلىك ۋاقىت چارشەنبە كۈنى كەچتە ئەڭ ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر يانۇكوۋىچنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا ئۆكتىچى نامزات يوشىنكونىڭ نەچچە يۈزمىڭ قوللىغۇچىلىرى كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاخىرقى سايلام نەتىجىسى جاكارلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپ يەنە، بۇ سايلام نەتىجىسىنىڭ ئامېرىكا-ئۇكرائىنىيە مۇناسىۋەتلىرىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
سايلام نەتىجىسىگە نارازى بولىۋاتقان نەچچە يۈز مىڭ خەلق ئاممىسى ھازىر قىشنىڭ سوغىقىغا قارىماستىن سايلام كومىتېتى بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ، داۋاملىق تۈردە ھۆكۈمەتنىڭ سايلامدا ساختىلىق قىلغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرمەكتە. بۇنىڭ بىلەن ئۇكرائىنىيە پايتەختى كيېۋدىكى قارشىلىق پائالىيىتى 3 كۈن داۋام قىلدى.
ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو سايلام نەتىجىسىدىن كۈچلۈك نارازى بولغان بولۇپ، ئۇ قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان خەلق ئاممىسى ئالدىدا " مەن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سۆز قىلىۋاتىمەن" دەپ بىلدۈردى.
ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ چىقارغان سايلام نەتىجىسىدە باش مىنىستىر يانۇكوۋىچنىڭ % 3 ئاۋاز ئۈستۈنلۈك بىلەن يوشىنكو ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇكرائىنىيەدىكى مۇستەقىل ئورگانلار ۋە غەرپ ئەللىرى سايلامدا ساختىلىق قىلىش ھەرىكىتى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەسلى ئۇتقۇچىنىڭ يوشىنكو ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. (پەرىدە)