ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور يانۇكوۋىچنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكالىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
كولىن پوۋېل ئۇكرائىنىيىنى ئاگاھلاندۇردى
كولىن پوۋېل، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنىيە دائىلىرىنى يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدىكى ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىسا، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
كولىن پوۋېل مۇنداق دىدى : " بىز سايلام نەتىجىسىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتراپ قىلمايمىز. چۈنكى، سايلام خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنداقلا سايلام جەريانىدا يۈز بەرگەن ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنمىدى."
كولىن پوۋېل، ئۇكرائىنىيە دائىرىلىرىنى نامايىشچىلارغا قارشى زوراۋانلىق كۈچ قوللانماسلىققا ياكى نامايىشچىلارغا قارشى زوراۋانلىق كۈچ قوللىنىشقا كۈشكۈرتىلمەسلىككە ئۈندىدى. ئۇ يەنە بۇنداق سايلام نەتىجىسىنىڭ ئامېرىكا - ئۇكرائىنىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور يانۇكوۋىچنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەركىزى سايلام كومىتېتى يانۇكوۋىچنىڭ ٪ 49 ئاۋازغا ئېرشىپ، رەقىبى غەربپەرەس ئىسلاھاتچىلىقى دەپ تونۇلغان يۇشىنكونىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
سايلام جەريانىدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، يۇشىنكو تەرەپدارلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. نۆۋەتتە ئۇكرائىنىيە پايتەختى كىيېفتىكى مۇستەقىللىق مەيدانىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلام نەتىجىسىگە قارشى يۈز نەچچە مىڭ كىشىلىك نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
رۇسىيە مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇئىسيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىلگىرى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان يانۇكوۋىچقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ئىدى. ئامما رۇسىيە، يانۇكوۋىچقا قارشى ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىغا تۇتقان مەيدانىنى ئۆزگەرتتى . رۇسىيە پرېزىدېنتى چارشەنبە كۈنى بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
پۇتىن مۇنداق دەيدۇ: "بىز ئۇكرائىنىيە سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلمايمىز ياكى ئىنكار قىلمايمىز. چۈنكى سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى تېخى ئېنىقلانمىدى. ھەممە ئىش قانۇنلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك."
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئۇكرائىنىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا سايلامدا غەلىبە قىلغان يانۇكوۋىچنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ نامايىش قىلغان . بىراق ئۇلارنىڭ سانى ئۆكتىچىلەرنىڭ سانىغا سېلىشتۇرغىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە ئاز ئىكەن. بۇ ئارىدا ئۆكتىچى كۈچلەر رەھبىرى ياشىنكو، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كوچىمانىڭ سايلام نەتىجىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.
بەزى ئانالىزچىلار ئۇكرائىنىيىدە كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش كېلىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب دۆلەتلىرى، سايلامدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەردى، شۇنداقلا ئۇكرائىنىيە دائىرىلىرى سايلامنى كونترول قىلىۋالدى، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)