ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار سايلام نەتىجىسىگە رىقابەت ئېلان قىلدى


2004-11-25
Share

ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازى بولۇپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆكتىچى نامزات يوشىنكونىڭ نەچچە يۈز مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرىنىڭ كيېۋدىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرى تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆكتىچى پرېزىدېنت نامزاتى يوشىنكو پەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە رەسمىي ئەرز سۇنغان.

ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى بۇنىڭ ئالدىدا رۇسپەرەس باش مىنىستەر يانوكوۋىچنىڭ ٪ 3 ئۈستۈنلۈك بىلەن پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى جاكالىغان ئىدى. ئەمما يۇشىنكو سايلام نەتىجىسىنى رەت قىلىپ، پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئىشچىلارنى ئىش تاشلاشقا چاقىردى. ئۇ قوللىغۇچىلىرىنى قارشىلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەپ، ئۆزىنىڭ سايلامدا ھەقىقىي غەلىبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

كيېۋدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىرى نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇكرائىنىيىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى يوللارنى قامال قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇنىڭ ئالدىدا باش مىنىستەر يانۇكوۋىچ ۋە ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو ۋەزىيەتنىڭ دۆلەت ئىچىدە توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇكرائىنىيە پايتەختى كيېۋ ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردە نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر قىشنىڭ سوغىقىغا قارىماستىن، نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ ئارىدا، ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن پولشا ئۇكرائىنىيىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن كيېۋغا مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت