ئوكرائىنىيدىكى ئالى سوت مەھكىمىسى، سايلام مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە
ئوكرائىنىيىدىكى ئالى سوت مەھكىمىسى ھەمدە دۆلەت مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، پرېزىدېنت سايلىمى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان مەملىكەت خاراكتېرلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى.
ئالى سوت مەھكىمىسى، سوت ئېچىپ غەربتىكى ئۆكتىچى كۈچلەر قوللاۋاتقان پرېزىدېنت كاندىداتى يوشچىنكو ئوتتۇرىغا قويغان، سايلامدىكى ساختىپەزلىك دېلوسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بىراق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتە قاچان قارار چىقىرىشى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، سايلام كومىتېتى سايلامدا مىنىستىر يانوكوۋىچنىڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق يوشىنكو سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. (ئەقىدە)
©
2004 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇكرائىنىيىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىلەشمەكتە
- ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كۇچىما پرېزىدېنت سايلىمىدىكى نامزاتلار سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار سايلام نەتىجىسىگە رىقابەت ئېلان قىلدى
- ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى ئەڭ ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
- يوشىنكو ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى