رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنىيىدە تالاش -تارتىش پەيدا قىلغان پرېزىدېنت سايلىمى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيىنىڭ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتى لىئونىد كۇچما بىلەن كۆرۈشتى.
رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، پۇتىن ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنىيىنىڭ پارچىلىنىش ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پرېزىدېنت لىئونىد كۇچمانىڭ ئۇكرائىنىيىنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.
خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، پۇتىن سۆزىدە يەنە، بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىۋىنى ئەيىپلەپ، پەقەت ئۇكرائىنىيە خەلقىنىڭلا بۇ كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لىئونىد كۇچما سۆھبەتتىن كېيىن رۇسىيە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ئۇ موسكىۋادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇكرائىنىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ۋىكتور يانۇكوۋىچ رەھبەرلىكىدىكى نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنى تارقىتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم باشتا يېڭى سايلامغا زۆرۈر بولغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى جاكارلىدى.
رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئۇكرائىنىيىنىڭ رۇسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىدە تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بۇ قېتملىق پرېزىدېنت سايلىمى ئۇكرائىنىيىدىكى رۇسىيە پەرەس كۈچلەر بىلەن غەرپ ئەللىرىگە يېقىن ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ئاشكارىلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك قارارىنى ماقۇللىدى
- ئوكرائىنىيدىكى ئالى سوت مەھكىمىسى، سايلام مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە
- ئۇكرائىنىيىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىلەشمەكتە
- ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كۇچىما پرېزىدېنت سايلىمىدىكى نامزاتلار سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار سايلام نەتىجىسىگە رىقابەت ئېلان قىلدى
- ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى ئەڭ ئاخىرقى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى
- يوشىنكو ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى
- خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى
- پۇتىن خىتاي زىيارىتىدە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى
- رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلماقچى