غەرب دۆلەتلىرى، ئۇكرائىنىيىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى


2004.12.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

غەرب دۆلەتلىرى، ئۇكرائىنىيىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتقان پەيتتە، ئۇكرائىنىيە مىنىستىرى يانوكوۋىچ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ سايلامدا يېڭىلگەنلىكىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يانوكوۋىچ سەيشەنبە كۈنى "مەن بۇنداق يېڭىلىشنى مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايمەن، چۈنكى ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى" دىدى.

ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇكرائىنىيىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىنى كۆزىتىۋاتقان خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر، قايتا ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىنى تەبرىكلەپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا بۇ دۆلەتنىڭ ئەركىنلىككە، ئادىللىققا قاراپ يول ئالغانلىقىنى تەرىپلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋىلمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، "ئۇكرائىنىيە خەلقى ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا، ئۆز جاسارىتىنى نامايەن قىلدى" دەپ كۆرسەتتى.

سايلام كومىتېتى، يوشىنكو ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ نىسبىتى٪ 52 كە، يانوكوۋىچ ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبىتى٪ 44 كە توغرا كەلگەنلىكىنى خۇلاسىلىغان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.