ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ب د ت نىڭ كۆنلىكى ئاستىدا قۇرۇلغان مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئالدىنقى كۈنى ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇت رىئاللىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇمچە رەئىسى ئىسپانىيىلىك فېدىرىكو مايور، بىر مۇخبىرنىڭ مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى خىتاي ۋەكىلى پەن گۇاڭ بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە ۋە گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىدە نېمە ئىشلارنى قىلدى ؟ دىگەن سۇئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، "خىتايدا ئىستىبداتلىق مىخانىزىمى داۋاملاشماقتا " دەيدۇ ۋە مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى " ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەۋجۇت رىئاللىقنى ئەيىبلەيدۇ،" دەپ كۈرسەتتى.

ئىتتىپاقنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا خىتاي ۋەكىلىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن فېدىرىكو مايور، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كونكرېت نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، ئىتتىپاقنىڭ دوكلات ھازىرلايدىغانلىقىنى ۋە ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننانغا " دىنىي مەسىلىدىلا ئەمەس، ئىپادە ئەركىنلىكى توغرىسىدىمۇ تەكلىپ سۇنىدىغانلىقىنى" بىلدۈردى.

مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى 2005- يىلى ب د ت نىڭ كۆنلىكى ئاستىدا ئىسپانىيە ۋە تۈركىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان. چارشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئىتتىپاقنىڭ ئىككى رەئىسى ئىسپانىيىلىك فېدىرىكو مايور بىلەن تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىنلار رىياسەتچىلىك قىلدى. (ئەركىن)