ۋاشىنگتون پوست گېزىتى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باش ماقالە ئىلان قىلدى


2007.04.26

ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوست گېزىتىدە باش ماقالە ئىلان قىلىندى.

17 ‏- ئاپرىل خىتاي ھۆكۈمىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا، "توردا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالىلەرنى تارقاتقان، ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قۇتراتقان ۋە خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەت سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان"دېگەن گۇناھلارنى ئارتىپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا خەلقئارا مىقياسىدىكى مەتبۇئاتلار ئوخشىمايدىغان ھەر تۈرلۇك ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشتى.

ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ 26 - ئاپرىلدىكى سانىدا ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ جازا ھۆكۈمى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باشماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلىنىشىدىكى بىردىن ‏- بىر گۇناھى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ئانىنىڭ بالىسى بولۇپ قالغانلىقى ئىكەن.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن : "خىتاي ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلدى. ئۇنىڭ گۇناھى نېمە؟ ئۇنىڭ گۇناھى، ئانىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولغانلىقى."

مەزكۇر ماقالىدە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا ئارتىلغان "توردا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالىلەرنى تارقاتقان" گۇناھ ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئابلىكىم ياخۇ تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكىتىنى باشقۇرغۇچىغا ئۈزۈلدۈرمەي خەت يېزىپ مەزكۇر تېمىلاردىكى ماقالىلەرنى تودا ئېلان قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ماقالىدە، ياخو تورىنىڭ نە ئۇيغۇرچە تور بېتىنىڭ، نە ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىسىنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي تەرەپ ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئۈستىدە ئېچىلغان سوتنىڭ ئوچۇق- ئاشكارا ۋە ئادىل يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىمنىڭ ئادۋوكات ياللىشىغا يول قويۇلمىغان ئىكەن. مەزكۇر باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: "پاكىتلاردىن كۆرە، خىتايلار ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ئۇستىدىن "ئوچۇق سوت" ئاچتۇق دەپ كەلدى. ئەگەر ئۇنداق بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئابلىكىمگە ئوچۇق ۋە ئادىل يوسۇندا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشقا يول قويۇپ بۇنى ئىسپاتلىسۇن " دېيىلگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.