ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى جۈمە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008-07-12
Share

 ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى رەھبەرلىرى دېموكراتچى جىم ماكگوۋەرن ۋە جۇمھۇرىيەتچى فرانك ۋولف تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 'خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا بىر ئايدىن ئاز ۋاقىت قالغان بىر مەزگىلدە، قەشقەردە17 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئىككى ئۇيغۇر نى ئۆلۈمگە ۋە ئۈچ ئۇيغۇرنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، خىتايدا سوت جەريانى ۋە قانۇن ھاكىمىيىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ" دېيىلگەن.

باياناتىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە جاھات ئۈچۈن تەربىيىلەنگەن دېگەن گۇمان بىلەن بەش ئۇيغۇر ياشنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ قوش رەئىسلىرى جىم ماكگوۋەرن ۋە فرانك ۋولف، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن شۇنىڭدەك ئولىمپىك بىخەتەرلىكىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشىغا يۇل قويۇلماسلىقى كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقى، بېيجىڭغا بېرىلگەندە، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خەلقئارا جامائەتكە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت