رۇسىيە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلدى


2005.05.08

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوپ شەنبە كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتقان ئادەم چىقىملىرىنىڭ ھەقىقىي سانىنى رەسمى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇرۇش مەزگىلىدە جەمىي 26 مىليون 600 مىڭ سوۋېت گراجدانى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ھەربىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 8 مىليون 660 مىڭدىن كۆپرەك سوۋېت ئىتتىپاقى جەڭچى-ئوفىتسېر لىرى بىۋاستە جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەندىن تاشقىرى يەنە 4 مىليون ( 4مىليون 59مىڭ ئادەم)دىن ئارتۇق ئادەم ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن.

ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، پۈتۈن سەپلەر بويىچە گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، سوۋېت ئەسكەرلىرى توپ-توپى بىلەن ئەسىرگە ئېلىنغان. سېرگېي ئىۋانوپنىڭ ئېيتىشىچە؛ بۇ جەرياندا سوۋېت قوشۇنىدىن 4 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ( 4مىليون 559 مىڭ) ئادەم ئەسىرگە چۈشكەن.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە 5 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا 15 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يارىدارلىنىش، كېسەللىك، توڭلاپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئىكەن.

ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن پەقەت 18 مىليون ئادەم ئۆلگەنلىكىنىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۆز چىقىملىرىنى يوشۇرغان ھەمدە ئەسلى تارىخنى بۇرمىلاپ خەلقىنى ئالداپ كەلگەن ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇرۇش جەريانىدا يەنە بىر مىليونغا يېقىن سوۋېت جەڭچى ئوفىتسېرلىرى ئۇرۇشتا قورقۇنچاقلىق قىلغان، جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن ك گ ب خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ستالىن ئۆز ئادەملىرىنىڭ جېنىنى پەقەت ئايىماي قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.