ئامېرىكا، خىتاينى خەلق پۇلىغا بولغان كونتروللۇق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى


2005-05-18
Share

بۇش ھۆكۈمىتى خىتاينى، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى مەقسەتلىك كونترول قىلىۋېلىش مەسىلىسىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ پۇلنى مونوپول قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ئەگەر پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، خىتاينىڭ ئىقىتسادىي جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى بۇش ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشكە كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغان بولۇپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى چارلىز شۇمېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتىنى تەڭشىمىسە، ئۇ ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا سۈپىتىدە، خىتايدىن كىرىدىغان ئىمپورت ماللارغا ئاز دېگەندە 27٪ باج قويىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرىشىغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى ھەمدە بۇنى خىتايدىن كۆرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.(پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت