ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلەتمەكتە


2005-06-09
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ پات ئارىدا خەلق پۇلىنى تېگىشىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بېيجىڭغا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قايتا باھالاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بىر پەيتتە ئېيتقان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئاشماقتا. ئۇلار خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ تىگىشىش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇپ، خىتاي ماللىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە دەپ قارايدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەزالار، ئەگەر خىتاي ئالتە ئاي ئىچىدە خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى قويۇۋەتمىسە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان ماللارغا 27.5٪ تاموژنا بېجى ئېلىش لاھىيىسىنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا. بۇ لاھىيە دۆلەت مەجلىسىدىكى بارغانسىرى كۆپلىگەن ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت