ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىنوۋ خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈندەيدۇ


2005.10.10

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جون سىنوۋ، دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىگە يېتىپ كېلىپ، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى. جون سىنوۋ ياپونىيىدىكى زىيارىتىدىن كېيىن خىتاينىڭ شاڭخەي، چېڭدۇ، ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

جون سىنوۋ، ئاسىيادىكى سەپىرىنى باشلاش ئالدىدا جۈمە كۈنى خىتاينى يەنە بىر قېتىم خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.

خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى خىتاينىڭ بۇ يىل 6 - ئايدا خەلق پۇلى قىممىتىنى ئاز مىقتاردا ئۆستۈرگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنىڭ مەنبەئەسى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ، خىتاي توۋارلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى كۆپەيتىش، ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى قىزىل رەقىمىنى پەيدا قىلىش، ئامېرىكىدا ئىشسىزلارنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

ئامېرىكا خىتاي بىلەن توقۇلما بۇيۇملار ئېكسپورت مەسىلىسى بويىچە 5 قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.

جون سىنوۋ، خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى ئاز مىقتاردا ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى "مۇھىم بىر قەدەم،" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ بۇ يولدا ئىلگىرلىگەن قەدەملەر بېسىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. جون سىنوۋ "خەلق پۇلىنىڭ ئۆز قىممىتىنى بازار ئارقىلق تەڭشەشكە يول قويۇش كېرەك،" دەيدۇ.

جون سىنوۋ، بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە ۋە مەركىزى بانكا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.