خىتاي ئىنژېنېر ئافغانىستاندا قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىندى

دۈشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان ۋەردەك ۋىلايىتىدە بىر خىتاي ئىنژېنېرى ئافغانىستانلىق شوپۇرى بىلەن بىرلىكتە نامەلۇم قورالللىق كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-07-01
Share

 ۋەردەك ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئەلى ئەخمەت كاشىنىڭ فرانىسيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئافغان بىخەتەرلىك قىسىملىرى گۆرۈگە ئىلىنغان خىتاي ئىنژېنېرنىڭ شوپۇرىنى گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىۋالغان. لېكىن خىتاي ئىنژېنېر ھېلىمۇ گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى زەبىبۇللا مۇجاھىد، تالىبانلارنىڭ خىتاي ئىنژېنېرىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۆرۈگە ئېلىنغان خىتاي ئىنژېنېر، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنى ۋەردەك ۋىلايىتىگە تۇتاشتۇرىدىغان تاش يولنى ياساشنى ھۆددىسىگە ئالغان خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت