خوڭكوڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ "قۇربانى بولۇش"تىن ئەنسىرەيدۇ


2007.08.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكىدا 8 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋېلىش ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئېلان چىقىرىلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سودا جېڭىدە، خوڭكوڭ سودىگەرلىرى "قۇربان قىلىنىش" تىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خوڭكوڭ تىجارەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، ئۆزىمۇ ئويۇنچۇق ئىشلەشكە مەبلەغ سالغان لى شيۇخېڭ ئەپەندىنىڭ مەركىزىي ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئامېرىكىغا ئويۇنچۇق ئېكىسپورت قىلىۋاتقان 80 شىركەت بار. ئامېرىكا تەرەپ يىغىۋېلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغان 18 مىليون ئويۇنچۇق ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماگنىت ۋە سىر تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا ئۆلچەمدىن يۇقىرى.

چوڭ قۇرۇقلۇقتا خوڭكوڭ سودىگەرلىرىدىن ئالدى بىلەن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماتېرىياللار ئۈچۈن نەق پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. ھازىرقى سودا جېڭىدە، ھېسابات يەنە خوڭكوڭ سودىگەرلىرىنىڭ زىيىنىغا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خوڭكوڭ سودىگەرلىرى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭىنىڭ مۇرەسسە بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت