خىتاي باش مىنىستىرى دارفۇر سىياسىتىنى ئاقلىدى


2008.02.19

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە قارشى پىكىرلەر ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى كۈچلۈك قارشى پىكىر قوزغاۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى.شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن دۆلەت ھەمدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ 19 ‏- فېۋرال سەيشەنبە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى گوردون بروۋن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە دارفۇر مەسىلىسى مۇھىم تېما قىلىنغان بولۇپ، رويېتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر بېرىشىگە قارىغاندا، ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ سۇدان سىياسىتى ھەمدە دارفۇر مەسىلىسىدىكى رولىنى ئاقلاپ " جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۇداندا تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ياردەمگە مۇھتاج ئەللەرگە كۆپ تەرەپلىمە ياردەم يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. بىز برىتانىيە بىلەن ئۈزلۈكسىز ھەمكارلىشىپ دارفۇر مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىمىز " دېگەن ھەمدە يېقىنقى كۈنلەردە خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ گۈيجىننى يەنە بىر قېتىم بېرىتانىيە ھەمدە سۇدانغا مەخسۇس زىيارەتكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويېتىرس ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، خىتاي داۋاملىق تۈردە سۇداندىن نېفىت سېتىۋالماقتا ھەمدە سۇدان ھۆكۈمىتىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ ياردەملەر بېرىپ كەلمەكتە. سۇداندا ھازىرغا قەدەر ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار ئىككى يېرىم مىليونغا يەتكەن.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بروۋن خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە توغرا يول تۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلغان. خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىدە سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقانلىقىدەك رولى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى نۆۋەتتە خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىگە نىسبەتەن ئەڭ كۈچلۈك قارشى پىكىرلەرگە سەۋەب بولماقتا.

يېقىندا داڭلىق رېژىسسور سىتىۋېن سىپېلبېرگمۇ خىتاينىڭ دارفۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى تۈپەيلى، بۇ قېتىم بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.