خېيلۇڭجياڭدا دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلار توقۇنۇشتى


2007.08.27

خىتاينىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈتيەن يېزىسىدىكى دېھقانلار بىلەن خىتاي ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا ئاز دېگەندە ئىككى كىشى يارىلانغان ۋە ئىككى كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۈتيەن يېزىسىدىكى دېھقانلار شەنبە كۈنى، مەزكۇر يېزىدا يېڭى تىجارەت مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىغان بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ، ئۆيلىرى چېقىلغان دېھقانلارغا بەرگەن تۆلەم پۇلىنىڭ ئازلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېزىغا كىرىدىغان يوللارنى توسۇۋالغان.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ يولنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان. خوڭكوڭدا چىقىدىغان جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، توقۇنۇشلار جەريانىدا بىر كىشى ئۆلگەن.

خىتايدىكى چىرىكلىك، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى ۋە خىتايدا كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بايلار ۋە نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتايدا خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن توقۇنۇشلار كېلىپ چىقماقتا.

بۇ ئارىدا فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19 كۈنىدىن بىرى ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خوڭكوڭدىكى تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ مىڭلىغان ئىشچىسى يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ كوچىلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. ئۇلار زاۋۇت باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئىشچىلارنىڭ مائاشلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىشىنى، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.