خىتاي- فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى


2007-07-30
Share

31- ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى ئىمزا قويۇلۇش پىلانلانغان، فرانسىيە يادرو رېئاكتور قۇرۇلۇش شىركىتى ئارېۋا گۇرۇھى( Areva) خىتايغا ئىككى دانە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىشى بېكىتىلگەن خىتاي-فرانسىيە يادرو كېلىشىمى كېچىكتۈرۈلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30- ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كېلىشىمنى ئىمزالاش ئىشلىرى كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىم پرىنسىپلىرى ۋە مەزمۇنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىشلەر بولمىغان.

فرانسىيە يادور قۇرۇلۇش شىركىتى، " تېخنىكىلىق ۋە ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى سەۋەبلىك، 31- ئىيۇل كۈنى بېكىتىلگەن ئىمزا ھاسىل قىلىش كۈنى كېچىكتۈرۈلدى" دەپ بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە كوپ توختىلىشنى خالىمىغان.

ئەسلى پىلان بۇيىچە، فرانسىيە ئىقتىساد مىنىستىرى كىرىستىن لاگاردﯤ سەيشەنبە كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا بېرىپ خىتايغا قۇرۇش پىلانلانغان ياۋروپانىڭ 3 ‏- ئەۋلاد بېسىمى ئاشۇرۇلغان رېئاكتورى(EPR) كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى ئىدى.

بۇ 8 مىليارد دوللارلىق يادرو كېلىشىمى، فرانسىيە ئارېۋا يادرو گۇرۇھى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كېلىشىم بولۇپ، كېلىشىم ئارېۋا گۇرۇھى بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ يادرو ئېنېرگىيە ئېلېكتىر شىركىتى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى. (جۈمە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت