گېرمانىيە بىلەن خىتاي خاكىر ھۇجۇمى مەسىلىسىدە جىددىي سۆزلەشمەكتە


2007.10.24

رويترس ئاگېنېتلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، گېرمانىيە ئاخبارات تارماقلىرى يېقىندىن بۇيان ھەركۈنى گېرمانىيىنىڭ تور بەتلىرى، ھەتتا گېرمانىيە پرېزىدېنتىنىڭ تور بېتىمۇ خىتاينىڭ خاكىر ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇنداق جاسۇسلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە قوللىشى ئارقىسىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى چۇقۇم قوغدايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار منىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بۇ مەسىلىدە "گېرمانىيە بىزنى ئەيىبلەشتىن بۇرۇن ئۆزى مەسىلىنى ئوبدان ئېنىقلىشى كېرەك' دەپ قوپاللىق بىلەن رەددىيە بەرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ھېنسى ئۇنىڭغا 'بىر دۆلەت ھېچقاچان باشقا بىر دۆلەتنى ئاخبارات ئوغرىلاش مەسىلىسىدە پاكىتسىز ئەيىبلىمەيدۇ' دەپ كەسكىن قايتارما رەددىيە بەرگەن.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، 8 ‏- ئايدا ئامېرىكا، فرانسىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تور بەتلىرىمۇ خىتاينىڭ خاكىر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.