ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس خىتاينىڭ ھەربىي پروگراممىلىرىدىكى خۇپىيانىلىقنى ئوتتۇرىغا قويماقچى


2007.11.02

ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى خىتاي زىيارىتى باشلاش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ ھەربىي پروگراممىلىرىدىكى خۇپىيانىلىقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ روبېرت گېيتسنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، گېيتس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، "خىتاينى بىر ھەربىي تەھدىت دەپ تونۇمسىز ؟ " دېگەن سوئالغا قارىتا، ئۆزىنىڭ پەقەت خىتايدا تەرەققىي قىلدۇرىلىۋاتقان ھەرخىل ھەربىي قۇرۇلۇشلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارىلىقنىڭ كەمچىلىكىگە قارىتا كۆپرەك كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە: " مانا مۇشۇ مەسىلىلەر بىز دىئالوگ ئېلىپ بارىدىغان مەسىلىلەردۇر" دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا گېيتسنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زىيارىتى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەربىي سېلىنما ۋە باشقا جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان يىرىكچىلىكلەرنى يۇمشىتىشتا ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

گېيتسنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى، ئۇ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ بېكىتىلگەندىن كېيىنىكى تۇنجى خىتاي زىيارىتى بولۇپ، ئۇ بۇ نۆۋەت خىتاي، جەنۇبى كورېيە ۋە ياپونىيىلەردە زىيارەتتە بولىدۇ. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.