خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى كۈچەيتىشى ئامېرىكىنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە


2007-02-24
Share

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبرت گېتس، خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈشىنىڭ ئامېرىكنى قايغۇلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

روبرت گېتس 23‏- فېۋرال كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگتوندىكى ۋالتەر رېد ھەربىي ساغلىق مەركىزىدە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت خامچۇتىدا كۆرسىتىلگەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى يەنە "مېنىڭچە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوخشاش نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان بىر ئورگان بولمىسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسى ئۈچۈن قانچىلىك پۇل ئاجراتقانلىقىنى يۇشۇرۇشى ناھايىتى ئاسان. بۇ سوۋېت دەۋرىدە چوڭ بىر مەسىلە ئىدى. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارمىيىسىگە رەسمى دۆلەت خامچوتىدا كۆرستىلگەندىن كۆپ پۇل ئاجرىتىدۇ."

بىر مۇخبىرنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى سۇئالىنى جاۋابلاندۇرغان روبرت گېتىس، خىتاي ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەردە بىزنى قايغۇلاندۇرۇدىغان مەسىلىلەر بار، دېگەن. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.